خىتايدا قار ئاپتى
2008.01.26
خىتاينىڭ مەركىزى ۋە شەرقىي رايونلىرىدا قاتتىق قار يېغىشى ۋە ناچار ھاۋا شەرتلىرى تۈپەيلىدىن، شەنبە كۈنى قاتناش ئاساسەن توختىغان بولۇپ، چاغان ھارپىسىدا يولغا چىققان ئون مىڭلىغان كىشى يولدا قالغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قار يېغىشى نۇرغۇنلىغان ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىگە ۋە زىرائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادىي زىيان 6 مىليارد 230 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ھەمدە ناچار ھاۋا تۈپەيلىدىن يۈزبەرگەن ماشىنا ھادىسىلىرىدە ئونلىغان ئادەم ئۆلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى بېيجىڭ- گۇۋاڭجۇ پويىز يولى ئۈستىدىكى پويىز ئىستانسىلىرىدا قالغان يولوچىلار سانى 40 مىڭدىن ئاشقان. ئەنخۇي ئۆلكىسىدە بولسا، ھۆكۈمەت 12 مىڭ كىشىنى قار سەۋەبىدىن خەتەرلىك رايونلاردىن باشقا جايلارغا يۆتكىگەن. بېيجىڭ بىلەن گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى ئوتتۇرىسىدىكى تاش يولدا قاتناش توختىغانلىقى تۈپەيلىدىن 60 مىڭ كىشى يولدا قالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەت شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە، يېمەكلىكلەرنىڭ نەرقىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشقا باشلىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۆتكەن يىلى 4.8 پىرسەنتكە يەتكەن پۇل پاخاللىقىنىڭ بۇ يىل قار ۋە ناچار ھاۋا شەرتلىرى سەۋەبىدىن تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قاتتىق سوغاق بايىنغولىندا ئاپەت پەيدا قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ۋەقەسىنى تەبىئىي ئاپەت دەپ كۆرسىتىشى نارازىلىق قوزغىدى
- ئۇچتۇرپان كەلكۈن ئاپىتىدە قالدى
- شەندوڭدىكى ئىككى چوڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسىدە ئېغىر ئۆلۈم يېتىم كۆرۈلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەردە 200 مىڭغا يېقىن ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ 38 ئادەم قازا قىلغان
- خىتايدا تەبىئىي ئاپەتلەر دانلىق زىرائەت مەھسۇلاتىغا زىيان سالدى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېكەس تەۋەسىدە يەر تەۋرەپ 27 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى
- بۈگۈر ناھىيىسىدە كان رايونىدا يۈز بەرگەن ئاپەتتە 11 كىشى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن
- خىتايدا، كۆمۈركان پارتلاپ 33 نەپەر ئادەم ئۆلگەن
- ئۇلۇغچاتتا يەر تەۋرىدى









