خىتايدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتى خىتاي ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن


2008-01-31
Share

خىتاي دېھقانچىلىق ساھەسى رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتىنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر بولغان بولۇپ، پەيشەنبە كۈنى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا قار ئاپىتىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى مېۋە شۇنىڭدەك كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشىغا يوقىتىش خاراكتېرلىك زىيانلار ئېلىپ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي يېزا ‏- ئىگىلىك ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار مۇخبىرلارغا، نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلار ھەققىدە تېخى تولۇق ستاتىستىكىلىق مەلۇمات ئېلىپ بارالمىغانلىقىنى، ئەگەر قار ئاپىتى ئىزچىل تۈردە شىمالغا قاراپ يۆتكەلسە ھەمدە قىشلىق ئاشلىققا تەھدىت كۆرسەتسە، ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بەزى تور بەتلىرىدە بۇ قېتىمقى ئاپەتتە 77 مىليون كىشىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، 24 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەمدە ئاپەتنىڭ 5.4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاي مەركىزى ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمى يەنە بىر قېتىم قەھرىتان سوغۇقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىكەن. ھازىر خىتاينىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى پويىز ئىستانسىسى ۋە ئايرۇپىلان ئىستانسىلىرىدا نەچچە يۈز مىڭلىغان ئادەم بارىدىغان مەنزىلىگە يېتەلمەي توسۇلۇپ قالغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنوبىي قىسمىدا يۈز بەرگەن ئاپەت يەرلىك خەلقلەرگە كۆپ زىيانلارنى سالغان بولۇپ، پەقەت قەشقەر ۋىلايىتىدىلا 65 مىليون يۈەنلىك ئىقتىسادى زىيان مەيدانغا كەلگەن. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت