قار ئاپىتى ۋە سوغۇق تېمپېراتۇرا خىتاي ھەم ئۇيغۇر ئېلىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى
2008.02.01
خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى 22 كۈندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان قار ئاپىتى ۋە ئاپەت خاراكتېرلىك سوغۇق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يەنە داۋام قىلماقتا. يېقىنقى 50 يىلدىن بېرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان قار ئاپىتى خىتاينىڭ ئون نەچچە ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونىدا قاتناشنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپلا قالماي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايى كىلىماتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئۇيغۇر ئىلى يەرلىك مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ئىشلار نازارىتى قۇتقۇزۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ئىساق، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، بايىنغۇلىن ۋىلايەت - ئوبلاستلىرىنىڭ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ 340 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ۋە بىۋاستە ئىقتىسادى زىياننىڭ 158 مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ تەكلىماكان چۆللۈكىدىكى تارىم ھاۋا رايى كۆزىتىش پونكىتى قار ئاپىتىنىڭ تەكلىماكان چۆللۈكىنى قاپلاش دائىرىسى، يېغىش قېلىنلىقى ۋە ھاۋا رايى تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىك دەرىجىسى قاتارلىقلار تارىخىي رېكورت ياراتقانلىقىنى، تەكلىماكان چۆللۈكىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ مىنۇس 32 گرادۇسقا قەدەر چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ب ب س نىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھاۋا رايى مۇتەخەسسىسلىرى 2 - ئاينىڭ 8 ۋە 9 - كۈنلىرى ئۇيغۇر ئىلى يەنە يېغىش خاراكتېرلىك سوغۇق ئېقىمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدە بولسا ۋەزىيەت تېخىمۇ ناچار بولۇپ، خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنىگە قەدەر 60 ئادەمنىڭ ئاپەت تۈپەيلى ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى جاۋ چۈنلېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، 25 يانۋاردىن 31 - يانۋارغىچە 5 مىليون 800 مىڭ يولۇچى پويىز بېكەتلىرىدە توختاپ قالغان. خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاپەت تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئىقتىسادى زىياننىڭ 7 يېرىم مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتى خىتاي ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن
- خىتايدا ئەللىك يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قار ئاپىتى يۈز بېرىپ قاتناش پالەچ بولدى
- خىتايدا قار ئاپتى
- قاتتىق سوغاق بايىنغولىندا ئاپەت پەيدا قىلدى
- كۇچا يايلىقى قار ئاپىتىگە ئۇچرىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ۋەقەسىنى تەبىئىي ئاپەت دەپ كۆرسىتىشى نارازىلىق قوزغىدى
- ئۇچتۇرپان كەلكۈن ئاپىتىدە قالدى
- شەندوڭدىكى ئىككى چوڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسىدە ئېغىر ئۆلۈم يېتىم كۆرۈلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەردە 200 مىڭغا يېقىن ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ 38 ئادەم قازا قىلغان
- خىتايدا تەبىئىي ئاپەتلەر دانلىق زىرائەت مەھسۇلاتىغا زىيان سالدى