بۇ قېتىمقى قار ئاپىتىدە گۇما ناھىيىسىدە بىر ئايال بىلەن بىر بالا سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلگەن
2008.02.08
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنى پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بۇ قېتىمقى قار ئاپىتىدە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە ئولتۇرىدىغان پۇقرالاردىن بىر ئايال بىلەن بىر كىچىك بالا ئۆيىدە قالايدىغان يېقىلغۇ يوق تۈپەيلى سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلگەن. ۋەقە گۇما ناھىيىسىنىڭ باشلەڭگەر كەنتىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى پۇقرالار رادىئومىزغا ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئانا - بالا ئىكەنلىكى ۋە يېقىلغۇ سېتىۋېلىشقا پۇل يوقلۇقى تۈپەيلى سوغۇقتا ئۇخلاپ قېلىپ قازا قىلغانلىقىنى، چۈنكى بىر توننا كۆمۈرنىڭ 750 سومغا چىققانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر زات، بۇ قېتىمقى قار ئاپىتىدە خوتەن ۋىلايىتى بۇيىچە تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆلگۈچىلەرنىڭ كونكرېت سانى ۋە قايسى ناھىيىلەردىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىدى. باشلەڭگەر يېزىسىدىكى پۇقرالار ۋەقەنىڭ يۈز بەرگىنىگە 7- 8 كۈن بولۇپ قالغانلىقىنى، مېتىرولوگىيە ئىدارىسى سوغۇق ئېقىم توغرىسىدا ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەنلىك تۈپەيلى، باشلەڭگەرلىك ئانا - بالىنىڭ سوغۇق ئېقىمدىن خەۋەرسىز مۇزدەك ئۆيدە ئۇخلاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن خوتەن ۋىلايەتلىك مېتىرولوگىيە ئىدارىسىنىڭ جۈمە كۈنلۈك نۆۋەتچى خادىمى، ھاۋا رايىدىن پۇقرالارنى خەۋەردار قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى، قىلغان بولسا قاچان خەۋەردار قىلغانلىقىنى سورىغان رادىئومىزنىڭ مۇخبىرىغا " بۇ دېگەن مەخپىيەتلىك" دەپ جاۋاب بەردى. يەرلىك پۇقرالار بۇ قېتىمقى قار ئاپىتىدە ئەڭ ئېغىر يېقىلغۇ ۋە داۋالاش قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. " تەڭرىتاغ" تورىنىڭ قار ئاپىتى ھەققىدىكى بىر خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىچۈەندىكى قار ئاپىتىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ماددى ئەشيا باسقان 120 ماشىنىنى سىچۈەنگە يولغا سالغان.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خوتەندە تۇنجى قار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت ھېلىھەم داۋاملاشماقتا
- ئۇيغۇر ئىلىدە يۈز بەرگەن ئاپەتلەرنىڭ ئەھۋالى تولۇق ئېلان قىلىنمايدۇ
- نۇر بەكرى چاغان بايرىمى كېلىش بىلەن تەڭ خىتاي ئارمىيىسىنى ۋە تۆھپىكارلارنى ھېيتلاش بىلەن ئالدىراش
- خىتاي ھاۋارايى تارماقلىرى قارا ئاپىتىگە تەييارلىق قىلالمىغانلىقىنى ئىقرار قىلدى
- خىتايدا قار ئاپىتى داۋاملاشماقتا
- قار ئاپىتى ۋە سوغۇق تېمپېراتۇرا خىتاي ھەم ئۇيغۇر ئېلىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى
- خىتايدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتى خىتاي ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن









