ئالدىنقى قېتىملىق قار ئاپىتىنىڭ تەسىرىدىن تېخى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىپ بولمىغان ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە قارا ئاپىتى كۆرۈلۈپ، قاتناشقا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە نۇرغۇنلىغان چارۋا ئاپەتكە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن.
ئىلى ۋادىسىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا قار ئاپىتى بىر قەدەر ئېغىر بولغان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەيشەنبە كۈنىدىن شەنبە كۈنىگىچە داۋام ئەتكەن شىۋىرغاندا 12 مىڭ چارۋا مال ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان 18 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، 21- فېۋرال ئىلى ۋادىسىدا بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قار ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، 23- فېۋرال كەچقۇرۇنغىچە ئىلى ۋادىسىدىكى تاغلىق رايونلاردا قارنىڭ قېلىنلىقى 50 سانتىمېتىردىن 70 سانتىمېتىرغىچە بولغان بولسا تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا 30-40 سانتىمېتىرغىچە بولغان.
ئۆتكەن يىلى دېكابىردىن بۇيان سوغۇق ھاۋانىڭ ھەر تۈرلۈك ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىلى ۋادىسىدا، ھازىرقىغا كەلگۈچە 70 مىڭ تۇياققا يېقىن چارۋا ئۆلگەن ھەمدە ئىلى دەرياسىدا توڭ كۆتۈرۈپ دەريا يۈزى كۆتۈرۈلۈپ ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئاۋارىچىلىق سالغان ئىدى.
دۈشەنبە كۈنى يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى كوناشەھەر، يېڭىشەھەر، يېڭىسار قاتارلىق ناھىيىلەردە بىر قەدەر قېلىن قار ياغقان ۋە قارنىڭ قېلىنلىقى 16 سانتىمېتىرغىچە يەتكەن بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا ۋە قاتناشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدا يەنە ئاپەت يۈز بېرىشى مۇمكىن
- بۇ قېتىمقى قار ئاپىتىدە گۇما ناھىيىسىدە بىر ئايال بىلەن بىر بالا سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلگەن
- خوتەندە تۇنجى قار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت ھېلىھەم داۋاملاشماقتا
- ئۇيغۇر ئىلىدە يۈز بەرگەن ئاپەتلەرنىڭ ئەھۋالى تولۇق ئېلان قىلىنمايدۇ
- نۇر بەكرى چاغان بايرىمى كېلىش بىلەن تەڭ خىتاي ئارمىيىسىنى ۋە تۆھپىكارلارنى ھېيتلاش بىلەن ئالدىراش
- دېخۈي سودا بازىرىدا ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان دۇكاندارلار پۈتۈنلەي تۆلەمگە ئېرىشىپ قايتا تىجارىتىنى باشلىدى
- خىتاي ھاۋارايى تارماقلىرى قارا ئاپىتىگە تەييارلىق قىلالمىغانلىقىنى ئىقرار قىلدى
- خىتايدا قار ئاپىتى داۋاملاشماقتا
- قار ئاپىتى ۋە سوغۇق تېمپېراتۇرا خىتاي ھەم ئۇيغۇر ئېلىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى
- خىتايدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتى خىتاي ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن
- خىتايدا قار ئاپتى