قار لەيلىسى قالايمىقان ئۈزۈلمەكتە
2004.08.06

كىشىلەرنىڭ قالايمىقان ئۈزۈش پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەڭرى تېغىدا ئۆسىدىغان قىممەتلىك دورىلىق ئۆسۈملۈك قار لەيلىسى يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ئاي قار لەيلىسىنىڭ دەل ئېچىلىدىغان مەزگىلى بولغاچقا، نۇرغۇنلار تاغقا چىقىپ، قار لەيلىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئۈزمەكتە ئىكەن. چارشەنبە كۈنىدىكى تەكشۈرۈشتىلا، ئۈرۈمچى جەنۇبىي تېغى ئەتراپىدا بىر كىشىنىڭ 200 دانە قار لەيلىسىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ ئالغانلىقى بايقالغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى قار لەيلىسىنىڭ سانى ئۆتكەنكى ئون نەچچە يىلدا جىددىي تۆۋەنلەپ كەتكەن. ستاتىسكىلارغا قارىغاندا، 1988 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 30 مىليون دانىدەك قارلەيلىسى بار بولۇپ، نۆۋەتتە ئاران ئۈچ مىليونغا يېقىنى قالغان. قالايمىقان ئۈزۈلگەنلىكتىن بۇ خىل دورىلىق ئۆسۈملۈك يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن .
خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە قار لەيلىسىنى قالايمىقان ئۈزۈشنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللانمىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدىكى باشقۇرغۇچى تارماقلار، قار لەيلىسىنى قانۇنسىز ئۈزگەن، ساتقانلارغا پەقەت بىرەر يۈز يۈەن جەرىمانە قويۇپ، باشقا ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرمەيدىكەن. نەتىجىدە بۇ قار لەيلىسىنىڭ يەنىلا كەڭ كۆلەمدە پىلانسىز ۋە قانۇنسىز ئۈزۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (ئارزۇ)