قاراقاش ناھىيىسىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۆلگۈنچىلىك سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان

خوڭكوڭدىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى بۈگۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك تەپتىش ئىدارىسى ئەيىبلەش بۆلۈمىنىڭ " دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش" دېگەن جىنايەت بىلەن 14 كىشىنى ئەيىبلەپ قولغا ئالدۇرغانلىقىنى، ئەيىبلەنگۈچىلەر ئىچىدە 3 نەپەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.27

 تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا ۋەقە ھەققىدە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىپ تېلېفۇن ئۇرغاندا، خىتاي ساقچى خادىمى، بۇ يىل 23 ‏ - مارتتا يۈز بەرگەن نامايىشتا قولغا ئېلىنغانلار ئارىسىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بار ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىپ، مەزكۈر دېلونى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتىنىڭ بىۋاستە بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇچۇر مەركىزى قاراقاشتا يۈز بەرگەن نامايىشتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 23 ‏ - مارتتا يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يەر ئاستى دىنىي پائالىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى چەكلىشى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، نامايىشتىن بىر كۈن بۇرۇن نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

23 ‏ - مارت كۈنى، قاراقاش ناھىيىسىدە 500 كىشىلىك نامايىش قوزغالغان بولۇپ، نامايىشچىلار ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تەشۋىق ۋاراقلىرى تارقاتقان. ھۆكۈمەتنىڭ قوراللىق ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدە 10 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئېغىر دەرىجىدە يارىلىنىپ، 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قولغا ئىلىنغان ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.