خىتاي تاشقى پېرىۋوت ئىدارىسى دوللارچىلارنىڭ "قارا تىزىملىكى" نى تۇرغۇزدى


2004.12.03

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى پېرىۋوت ئىدارىسى، مەزكۇر رايوندا تاشقى پېرىۋوت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ قارا تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇشقا باشلىغان.

ئۈرۈمچىدە خىتايچە چىقىدىغان "پايتەخت ئىستىمالچىلار ئەتىگەنلىك گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى پېرىۋوت ئىدارىسى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، دوللارچىلار ياكى تاشقى پېرىۋوتچىلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى توپلايدىغان ئۈچۇر ئامبىرى قۇرغان. دوللارچىلار ياكى تاشقىي پېرىۋوت تىجارىتى بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشىلەرگە دائىر مەلۇماتلار، تاشقى پېرىۋوت ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇر ئامبىرىغا توپلىنىدىكەن. شۇنداقلا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك، دەپ قارالغان دوللارچىلارنىڭ تىزىملىكى تۇرغۇزۇلىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى پېرىۋوت ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇر ئامبىرى، خىتاي تاشقى پېرىۋوت ئىدارىسىنىڭ بۇ يىل 10 - ئايدا ئېلان قىلغان، تاشقى پېرىۋوت ساھەسىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرۇلغان. ئالاقىدار دائىرىلەر، قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەر تاشقى پرېۋوت تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار، قارا پۇل يۇغۇچىلار، تېررورچىلار ۋە باشقا جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئۇلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئۇچۇر ئامبىرىغا توپلىنىدىغانلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق كۆزەتكۈچىلەر، ئۇچۇر ئامبىرىنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.