ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماناس ناھىيىسىدە "قارا خۇمدان" پاش قىلىندى


2007.07.06

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماناس ناھىيىسىدىن خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكىگە ئوخشاش كىشىلەرنى قۇللار ئەمگىكىگە سالىدىغان "قارا خۇمدان" بايقىلىپ، 3 كىشى يەرلىك ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

" شىنجاڭ گېزىتى " نىڭ يېقىنقى بىر خەۋىرىگە قارىغاندا ماناس ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ماناستىكى بىر " قارا خۇمدان " نى چېقىپ تاشلاپ، بۇ يەردىن قانۇنسىز ۋاستىلەر بىلەن ئەمگەككە سېلىنغان 30 دەك كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىققان. خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە، خۇمداندىكى ئىشچىلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكى چەكلەنگەن، ئىش ھەققى بېرىلمىگەن ۋە نارازى بولغۇچىلار جىسمانىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغان. خەۋەردە، ۋەقەگە چېتىشلىق 3 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، يەرلىك ئەمگەك ئىدارىلىرى ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئېلىپ بېرىشكە ياردەملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ خەۋەر جۈمە كۈنى "تەڭرىتاغ تورى"دا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن 2 كۈن بۇرۇن ئىستانسىمىز مۇخبىرى ماناس ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر ناھىيىدە "قارا خۇمدان" پاش قىلىنغانلىقىنى سورىغان، ئەمما ج خ ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر بۇنى رەت قىلدى. ئۇلار "قارا خۇمداننى دەمسىز ؟ بۇ يەردە قارا خۇمدان مەۋجۈت ئەمەس " دەپ جاۋاب بەرگەن.

ماناستىكى " قارا خۇمدان" پاش قىلىنىشتىن بۇرۇن، بەزى خىتاي تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ياخشى بىلىدىغان بىر قىسىم خىتاي زىيارەتچىلەر، نىلقا ناھىيىسىنىڭ شەھەر مەركىزىدىن يىراق بىر كاندا قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنىدىغان" قارا كان"بارلىقىنى پاش قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خەۋەر ھازىرغىچە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان. "جۇڭگو ياشلار" گېزىتى سوغۇق نۇقتا ھەپتىلىك ئىستونىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى لى داتوڭ يېقىندا بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، قۇل ئىشچىلار خىتايدا مەملىكەت بۇيىچە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۈت ھادىسە، دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.