خىتاينىڭ سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەرلىك ئۇچۇر ۋاستىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ سەنشى ئۆلكىسىدىكى قارا خۇمداندا قۇل قىلىنغان نىمكارلار قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن، يەرلىك خەلق ئىشلار تارماقلىرى ھەر بىر نىمكارغا 4000 يۇەندىن ئىش ھەققى، 1000 يۇەندىن ھال سوراش پۇلى بەرگەن. خۇڭتۇڭ ناھىيىسى ھەر بىر نىمكارغا يەنە يول كىراسى ئۈچۈن 500 يۇەنگىچە پۇل بەرگەن.
گەرچە شىنجاڭلىق ياۋ شۇچاڭ سەنشى يەرلىك دائىرىلىرى بەرگەن بۇ پۇللارنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما قەشقەردىن قۇللۇققا تۇتۇلغاندىن كېيىن قاتتىق ئېزىلگەن ئادىلجان تېخى قولىغا تېگىدىغان ھەقنى ئالماپتۇ. سەنشىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئۇنى ئىزدەۋىتىپتۇ. (ۋەلى)