ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قارا خۇمدان تاقىۋېتىلدى
2007.11.17
جەنۇبىي جوڭگۇ سەھەرلىك گېزىتىنىڭ 17- نويابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كىچىك ياشتىكى بالىلار، مېيىپلار ۋە ئەقلى- ھۇشى جايىدا بولمىغان كىشىلەرنى قۇللۇق تۈزۈمى بىلەن، كۈندە 20 سائەت ئىشلەتكەن بىر قارا خۇمداننى تاقىۋەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇرۇمچى ئەمگەكنى كۈزۈتۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لىن جوڭگىڭ، مەزكۇر قارا خۇمدان قانۇنسىز ئىشلىتىلگەنلىكى ھەمدە قانۇنسىز ئىشچى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن تاقىۋىتىلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قارا خۇمدان ئىگىلىرى دېھقانلارنى، كىچىك بالىلارنى ۋە مېيىپلارنى ئىشقا ئېلىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن سائەت 5تىن يېرىم كىچە سائەت 2 گىچە، كۈندە 20 سائەتتىن ئوشۇق ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان.
جەنۇبىي جوڭگۇ سەھەرلىك گېزىتىنىڭ مەزكۇر قارا خۇمداندىن قىچىپ قۇتۇلغان، بىر ئىشچىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خۇمدان ئىگىلىرى ئىشچىلارنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئۇلارنى داۋاملىق ئۇرۇپ- قىينايدىكەن. شۇنداقلا بولۇپمۇ مېيىپلارنى توختىماي ئىشلەتسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مائاشلىرىنى بەرمەيدىكەن.
جەنۇبىي جوڭگۇ سەھەرلىك گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ قارا خۇمداننى تاقاپ، خۇمدان ئىگىلىرىگە ئىشچىلارنىڭ مائاشلىرىنى بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىننەن ئادۋوكاتلار شىركىتىنىڭ، ئادۋۇكاتى گەن ۋېدوڭ، ئۆز ۋاقتىدا ئىشچىلارنىڭ بۇنداق ئېغىر ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىغانلىقى ئۈچۈن، قانۇن ئورگانلىرى ۋە ساقچى دائىرىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىكى ئۆسمۈر بالىلارنى سېتىش جىنايىتى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى
- ماناس ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى "قارا خۇمدانچىلار" غا ھۆكۈم ئېلان قىلدى
- خىتايدا بالا ئىشچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش مەسىلىسى كۈنسېرى جىددىيلەشمەكتە
- خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە يەنە قۇل ئىشچىلار بايقالدى
- سەنشىدىكى قارا خۇمداندا قۇل قىلىنغان ئادىلجان تېخىچە ئۆزىگە تېگىدىغان ئىش ھەققىنى ئالماپتۇ
- قارا خۇمدان ۋەقەسىگە چېتىشلىق باش جىنايەتچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- قارا خۇمدان ۋەقەسىگە ئالاقىدار 95 نەپەر ھۆكۈمەت خادىمىغا جازا بېرىلدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماناس ناھىيىسىدە "قارا خۇمدان" پاش قىلىندى
- خۇمدان "قۇل ئىشچى" سەتچىلىكىگە ئالاقىدار ئون نەچچە ئادەمنى سوتلاش باشلاندى
- ئاۋسترالىيە گېزىتلىرى ئوغرىلاپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە يانچۇقچىلىققا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى