قارىماي ۋاقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئاشكارىلاندى
2007.05.07
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ 1994- يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى قارىمايدا يۈز بەرگەن 288 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلۆمىگە سەۋەب بولغان تىياتىرخانىغا ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە تەييارلانغان پروگراممىنى توربەتلەردە پاش قىلىشى، بۇ ۋەقە ھەققىدە 12 يىلدىن بېرى يوشۇرۇنغان ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلىدى ھەمدە پۈتۈن خىتايدا چوڭ مۇنازىرە قوزغىدى.
12 يىل بۇرۇن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى چەن ياۋۋەن تەرىپىدىن تەييارلانغان لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان ھۆججەتلىك فىلىمغا قارىغاندا، تىياتىرخانىغا ئوت كەتكەندە، ئاۋال پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تىياتىرخانىدىن چىقىشى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى، 288 ئوقۇغۇچىنىڭ كۆيۈپ ئۆلۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 12 يىلدىن بېرى كۆرستىلمىگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ چەن ياۋۋەن تەرىپىدىن تور بېتىگە قويولغانلىقى، يېقىنقى كۈنلەردە خىتايدا بۇ ۋەقە ھەققىدە يېڭى مۇنازىرىلەرنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ مۇنازىرىلەر خىتاي مەتبۇئاتىنى بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان.(ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاتاقلىق يازغۇچىسى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ باشلامچى ۋەكىللىرىدىن بىرى باتۇر روزى ئالەمدىن ئۆتتى
- خېنەندىكى بىر كۆمۈر كاندا ئۆلگەن كان ئىشچىلىرىنىڭ سانى ئاز مەلۇم قىلىنغان
- ئۇيغۇر ئېلىدە بۇلتۇر ئىش ئۈستىدىكى تۈرلۈك ۋەقەلەردە 3122 ئادەم ئۆلگەن
- شېنجىننىڭ فۇتيەن شازۇي كەنتىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى نەپەر ئۈسمۈر قازا قىلدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 10 ئادەم ئۆلدى
- كۈيتۇن شەھىرىدە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 5 ئادەم قازا قىلدى