ئاۋسترالىيىنىڭ سابىق ھاۋا ئارمىيە ئوفىتسېرى، ھەربىي ئانالىزچى مارتىن ئاندرۇ، ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىنىڭ -8 ئاينىڭ -19 كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتتە تېخىمۇ كۆپ قوراللىق قوزغىلاڭلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، دېگەن.
مارتىن ئاندرۇ باياناتىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېيجىڭدىن مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، تىبەتنىڭ بولسا بىر چاغلاردا مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتنى ھەم ھەربىي سىناقلار ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەم ئۇلارنىڭ نېفىت ۋە باشقا يەر ئۈستى بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەتكەن.
ئاۋسترالىيىنىڭ سابىق ھەربىي ئوفىتسېرى ۋە ھەربىي ئانالىزچى مارتىن ئاندرۇ، ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن:
" ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا تىبەتلىكلەر خىتايلارنى مۇستەملىكىچىلەر دەپ قارايدۇ. مۇشۇ قاراش ئۇيغۇر ئېلىدە قوزغىلاڭلارغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان تىبەتلىكلەر خىتاينىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشنىدۇ".
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قوراللىق ھەرىكەت ئۈچۈن كېرەكلىك قوراللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن خىتاينىڭ غەربىي رايونىغا كىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
مارتىن ئاندۇرۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئاق تاشلىق كىتاب چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەپ، خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىر تەشۋىقات ھەرىكىتىمۇ باشلىغان. ئەمما ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دېموكراتىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كېڭىيىشى، مەزكۇر رايوندا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرىدىغان يېڭى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. (قانات)