خوتەن قاش تېشىنىڭ باھاسى ئالتۇندىن 40 ھەسسە يۇقىرى بولماقتا


2007.10.30

ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە خوتەننىڭ قاش تېشى سودا تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خوتەن قاش تېشىنىڭ ھەر گىرامىنىڭ بازار باھاسى 7594 يۈەن بولۇپ،ھېسابلىغاندا ئالتۇن باھاسىدىن قىرىق ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

خوتەن قاش تېشى باھاسى مۇشۇ ئون يىل ئىچىدە بارغانچە ئۆسۈپ نەچچە مىڭ ھەسسە قاتلانغان. خوتەن قاش تېشىنىڭ يېقىنقى ئون يىل جەريانىدا ئادەتتىكى كىشىلەر سېتىۋالالمىغۇدەك دەرىجىدە قىممەت بولۇپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، كىشىلەرنىڭ قاش تېشىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېشىشىدىن بولماستىن، بەلكى قاش تېشىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قېزىلىپ بۇلاڭ ‏- تالاڭغا ئۇچراپ يوقاپ كېتىش گىردابىغا كېلىپ قالغانلىقىدىن ئىكەن.

يېقىندا خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرلىرى خوتەن قاش تېشى چىقىدىغان ئاساسلىق مەنبە بولغان يۇرۇڭقاش دەرياسىدا سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، يۇرۇڭقاش دەريا ۋادىسىدا قاش تېشى تېپىش جەريانىدا نەچچە ئون كىلومېتىرغىچە قېزىپ بۇزۇلغان دەريا ۋادىلىرىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاش تېشى ئىزلەۋاتقانلىقىنى سۈرەتكە ئالغان.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنىڭ 28 - ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە،قاش تېشى قازغۇچىلار نەچچە مىڭلىغان تۈرلۈك توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى، تراكتورلار بىلەن دەريانىڭ ئىككى قېنىنى نەچچە ئون مېتىر چوڭقۇرلۇقتا قالايمىقان قېزىش جەريانىدا دەريا ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماقتا ئىكەن.

مەلۇم بىر يەرلىك قاش تېشى قازغۇچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى دەريانى شۇنچىلىك چوڭقۇر قازسىمۇ قاش تېشى تاپماق تەس بولۇپ قالغان.

تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن قاش تېشى قېزىش تارىخى يەتتە مىڭ يىللار ئىلگىرى باشلانغان ئىكەن. يۇرۇڭقاش ۋادىسىدىكى يەرلىك دېھقانلاردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، نۆۋەتتە خوتەننىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى قاش تېشىنى قالايمىقان قېزىش ھەرىكەتلىرىنى توساش ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەتلەرنى چۈشۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق يەرلىك دېھقانلارنى ئىشلىتىپ قاش تېشى بايلىقىنى قېزىۋاتقانلار يەنىلا كۆپ ئىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.