ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي يايلاقلىرىدا چاشقان ئاپىتى يۈز بەردى


2007-05-15
Share

يەر شارى ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئىسسىشى بىلەن،يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە چاشقانلار سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي رايونىدىكى ھايۋاناتلار باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ئالتاي رايونىدىكى يايلاقلاردا چاشقان ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ " بۇلتۇر قىش پەسلىدىن باشلاپ بۇ يىل 4 ‏- ئايغا قەدەر، ئالتاي يايلاقلىرىدا "بالا چاشقانلار " نىڭ كۆپىيىشى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تېز بولۇپ، تۇغۇلىشىمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىر ئاي ئالدىغا سۈرۈلدى" دەپ بىلدۈردى.

ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ئالتاينىڭ بۇلتۇر قىشتىكى ھاۋا كېلىماتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا 4 گرادۇس ئەتراپىدا يۇقىرى بولغان ھەمدە ياققان قار مىقدارىمۇ ناھايىتى ئاز بولغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى چاشقان ئاپىتى ئالتايدىكى 2 مىليون گېكتارغا يېقىن يايلاققا زور تەھدىت ئېلىپ كەلگەن. بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جاينىڭ 20% نى ئىگىلىگەن. بۇ قېتىمقى چاشقان ئاپىتى يەنە يەرلىك خەلق ئارىسىدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت