ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي يايلاقلىرىدا چاشقان ئاپىتى يۈز بەردى
2007.05.15
يەر شارى ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئىسسىشى بىلەن،يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە چاشقانلار سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىغان.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي رايونىدىكى ھايۋاناتلار باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ئالتاي رايونىدىكى يايلاقلاردا چاشقان ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ " بۇلتۇر قىش پەسلىدىن باشلاپ بۇ يىل 4 - ئايغا قەدەر، ئالتاي يايلاقلىرىدا "بالا چاشقانلار " نىڭ كۆپىيىشى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تېز بولۇپ، تۇغۇلىشىمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىر ئاي ئالدىغا سۈرۈلدى" دەپ بىلدۈردى.
ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ئالتاينىڭ بۇلتۇر قىشتىكى ھاۋا كېلىماتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا 4 گرادۇس ئەتراپىدا يۇقىرى بولغان ھەمدە ياققان قار مىقدارىمۇ ناھايىتى ئاز بولغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى چاشقان ئاپىتى ئالتايدىكى 2 مىليون گېكتارغا يېقىن يايلاققا زور تەھدىت ئېلىپ كەلگەن. بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جاينىڭ 20% نى ئىگىلىگەن. بۇ قېتىمقى چاشقان ئاپىتى يەنە يەرلىك خەلق ئارىسىدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاقسۇدا دېھقانلاردا يود كەمچىللىكىدىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر ئەۋج ئالدى
- ئۈرۈمچىدە ئىگىز ئىمارەتلەرنى سېلىش چەكلەندى
- تەڭرىتاغ مۇز تاغلىرىدىن ئىنسانلارنىڭ ئاتموسفېرانى بۇلغىغانلىق ئىسپاتلىرى تېپىلدى
- قاناس مەنزىرىلىك رايونى خىتاينىڭ دۆلەتلىك باغچىسى قىلىپ قۇرۇلماقچى
- ناچار ھاۋا كېلىماتى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مىۋىلىك دەرەخلەرگە ئېغىر زىيان سالدى
- تۇرپان شەھىرى قۇم-بوران ئاپىىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر يىلى 8000 ئادەم ئۆپكە تېبىركىلوزىدا ئۆلىدۇ
- خىتايدا يىلىغا 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ