خوتەن قاشتېشى قالايمىقان قېزىش نەتىجىسىدە يوقاپ كېتىش گىردابىغا دۇچ كەلمەكتە
2006.08.28
دۇنياغا مەشھۇر بايلىقلاردىن بىرى بولغان خوتەن قاش تېشى، قالايمىقان قېزىش سەۋەبىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا. مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر قاش تېشى قېزىش ھەرىكىتى مۇشۇنداق داۋاملاشسا بەش - ئالتە يىلدىن كېيىن، خوتەن قاش تېشى پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدىكەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە، قاش تېشى ئەڭ كۆپ تېپىلىدىغان يورۇڭقاش دەرياسى بويىدا قاش تېشى قېزىش ئۈچۈن 2000 مىڭ كىران ۋە 200 مىڭ ئادەم توپلانغان بولۇپ، قاش تېشى سودىگىرى سەمەت تۇراخۇن مۇخبىرغا، ئۆزىنىڭ 3 ئايدىن بۇيان، يەر ئاستىنى 10 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتا قېزىپمۇ قاش تېشى تاپالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خوتەن، خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ قاش تېشى بازىسى ھېساپلىنىدۇ. كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي سودىگەرلەر، خوتەنلىكلەردىن قاش تېشىنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ، قاش تېشى سودىگەرلىرىگە قىممەت باھادا سېتىپ بېيىغاندىن سىرت، يەنە پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ قالايمىقان قاش تېشى قېزىشى نەتىجىسىدە، خوتەن قاش تېشى يوقاپ كېتىش گىردابىغا يەتكەن.
خوتەن رايونلۇق سۇ ئىدارىسى، يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا داۋاملىشىۋاتقان، قالايمىقان قاش تېشى قېزىش ھەرىكىتىنىڭ، ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدىغانلىقىنى ۋە زور كۆلەمدە سۇ ۋە تۇپراق كۆچۈش ھادىسىسىنى مەيدانغا كەلتۈردىغانلقىئىنى ئىقرار قىلغان.
بىراق، ھۆكۈمەت ھازىرغا قەدەر خىتايلارنى ئاساس قىلغان قاش تېشى سودىگەرلىرىنىڭ، بۇ خىل بۇزغۇنچىلىق ھەرىكتىنى قەتئى چەكلەش ھەققىدە ھېچقانداق بىر چارە تەدبىر قوللانمىدى. (قانات)