خوتەن قاش تېشىنىڭ تراگىدىيىسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا دىققەت قوزغىدى


2006.09.01

خوتەن قاش تېشىنى قالايمىقان قېزىش دولقۇنى رايوندا ئېغىر ئېكىلوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

برىتانىيە ئاخبارات شىركىتى ب ب س بۇ خەۋەرنى "پايدا ئېلىشنى كۆزلىگەن بىر توپ قاش تېشى قازغۇچىلار، يورۇڭقاش دەرياسىدا بۇلاڭ - تالاڭ خاراكتىرلىك قېزىش ئېلىپ بارماقتا، " دەپ خەۋەر قىلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ شىچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، " قالايمىقان قېزىش بۇ سۈرئەت بىلەن ماڭسا، يورۇڭقاش دەرياسىدىكى خوتەن قاش تېشى 5 - 6 يىل ئىچىدە غايىپ بولىدۇ، " دەيدۇ.

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خوتەن قاش تېشىنى قالايمىقان قېزىش بىلەن يورڭقاش دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىزىدىكى 2000 يىللىق مەدىنىيەتنىڭ خانى-ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. "خىتاي كۆمۈرچىلىك خەۋەرلەر" گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ يىل يازدا سانى 20 مىڭتىن 30 مىڭغىچە بولغان خىتاي كۆچمىنى يوڭرۇڭقاش دەرياسى بويىچە قاش تېشى قازغان. گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بۇ ۋەزىيەتنى " يەرلىك دائىرىلەر قاش تېشى قېزىش قىزغىنلىقىنى چەكلەش تەدبىرى ئالمىغان، " دەپ يازدى.

خوتەن دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل يازدا 50 قاش تېشى قېزىش رۇخسەتنامىسى ۋە يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ بويىدىكى ھەر گېكتار يەر 6000 سومغىچە خىتاي شىركەتلىرىگە تالاشتۇرۇپ سېتىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.