48 توننىلىق خوتەن قاشتېشى بېيجىڭدا خېرىدار كۈتمەكتە
2007.03.28
شىنجاڭ خەۋەرلىرى تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەننىڭ ئىلچى يېزىسىدىكى ئابدۇراززاق قاتارلىق 8 كىشى100 دىن ئارتۇق ئادەم ياللاپ ئىككى ئايدا قېزىپ چىقارغان 48 توننىلىق قاشتېشىنى 2005 - يىلى 5 - ئايدا ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەلگەن. ئۇلار بۇ تاش ئۈچۈن خوتەندىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان ئارىلىقتا 52 مىڭ يۇەن چىقىم تارتقان.
بۇ 48 توننىلىق خوتەن قاشتېشى ھازىر ئۈرۈمچىدىن تۇرپان، قۇمۇل، شىڭشىڭشا، گەنسۇ، نىڭشا، ئىچكى موڭغولىيە، خېبېي قاتارلىق جايلار ئارقىلىق بېيجىڭغا يۆتكەپ كىلىنمەكتە. ئۇلار بۇ قاشتېشى ئۈچۈن يول بويى يۇقىرى باھالىق يول ھەققى تۆلىمەكتە. ئابدۇراززاق ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ تاشنى سېتىۋالىدىغان خېرىدارلارنى ئاللىقاچان ئۇقۇشۇپ بولغان، ئەمدى بېيجىڭدا تەكشۈرۈپ -باھالاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ قاشتېشىنىڭ رەسمىي باھاسى ۋە ئىزاھاتى چىقىدىكەن. ئەگەر ئۇلار سودىدا كېلىشەلمىسە، 2008 - يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا خەلقئارالىق باھا تالىشىپ سېتىشقا قويىدىكەن. (ۋەلى)