نەچچە يۈز مىڭ قاشتېشى قازغۇچىلار يۇرۇڭقاش ۋادىسىنى ۋايران قىلماقتا
2007.04.09
ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادى يۈكسىلىشتىكى تەڭپۇڭسىزلىق، ئاتالمىش يېڭى زامان تۇرمۇشى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادى بېسىم كىشىلەرنى ھەر كوي، ھەر خىياللار بىلەن پۇل تېپىش ئارزۇسىدا ئىزدىنىشكە مەجبۇرلىماقتا.
يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بېرى، خوتەن ۋادىسىدىكى يۇرۇڭقاش دەرياسى "بىر كېچىدىلا باي بولۇش" چۈشىدە بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ مەككىسىگە ئايلانغان ئىدى. لېكىن بۇ ھال بارغانچە ئېغىرلىشىپ يۇرۇڭقاش ۋادىسىغا ئېغىر ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، دۇنياغا مەشھۇر خوتەن قاشتېشىنى دۇنيا يۈزىدىن غايىپ بولۇش گىردابىغا سۆرىمەكتە.
تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خوتەن يۇرۇڭقاش دەرياسى بۇيىدا قاشتېشى قازغىلى سىرتتىن كەلگەن ئاققۇنلارنىڭ سانى 200 مىڭغا يېقىنلاشقان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشچە يەنە، ئۇدۇل كەلگەن يەرلەرنىڭ قالايمىقان كولىنىشى سەۋەبلىك يۇرۇڭقاش دەرياسى قىرغاقلىرىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋەيران قىلىنغان ھەم دەريا بويىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كانلارنىڭ قالايمىقان ۋە قانۇنسىز قېزىلىش قىلمىشلىرى ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت مەسىلە بولۇپ، ئىلگىرى ئالتايدىكى ئالتۇن كان رايونىمۇ كۆچمەن خىتاي نامراتلىرى يامراپ ئالتۇن كولايدىغان بېيىش ماكانىغا ئايلانغان ۋە ئېغىر خانۇ - ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر، ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت تەدبىر قوللىنىپ بايلىق مەنبەلىرىنى قالايمىقان قېزىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىسا ۋە خوتەن قاشتېشى رايونىدىكى ۋەيران قىلىش تۈسىنى ئالغان قېزىش ھەرىكەتلىرىنى دەرھال چەكلىمىسە، خوتەن قاشتېشى قېزىلىپ تۈگەيدۇ ۋە پارلاق بىر مەدەنىيەت ئەنئەنىسى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ، دەپ قاراشماقتا. (جۈمە)