قۇربان سەيپىدىن 13 يىلدىن بېرى ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى جازالىتالمىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە قۇربان سەيپىدىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر پۇقراسى، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋۇ پەمىلىلىك قاتىلنى جازالىتالماي ياكى تۆلەم پۇلىنى ئالالماي 13 يىلدىن بېرى داۋا قىلماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇربان سەيپىدىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى خىتاي دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى جازالىماي قويۇپ بەرگەنلىكىگە نارازى بولۇپ، دۆلەتتىن 5 مىليون 130 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي ، جىسمانىي ۋە مەنىۋىي زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ 13 يىلدىن بېرى توختىماي ئەرز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەرزى بىر تەرەپ قىلىنمىغان شۇنداقلا يېقىندا ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا شىكايەتنامە ئېسىپ، دەرت پەريادىنى ئىپادىلىگەن.

قۇربان سەيپىدىننىڭ ئىنىسى مۇھەممەد سەيپىدىن، 1994 -يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ۋۇ ياۋفېڭ ئىسىملىك بىر خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن ئىدى. ۋۇ ياۋفېڭ شۇ كۈنى دوللار سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇھەممەتنى 60 مىڭ دوللار پۇلۇم بار، يۈەنگە ئالماشتۇرماقچى، دېگەن باھانە بىلەن بىر ئۆيگە ئاپارغاندىن كېيىن، دوللارچىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى 520 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئېلىپ قاچقاندا تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ۋۇ ياۋفېڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن، يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋۇ ياۋفېڭ ئۇزۇن ئۆتمەي قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن قۇربان سەيپىدىن ئىنىسىنىڭ خۇن ھەققىنى ھازىرغىچە ئالالماي كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇ، دۆلەتتىن 5 مىليون 130 مىڭ يۈەن تۆلەم پۇلى تەلەپ قىلماقتا. (ئەركىن)