شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۈسۈپ ئىسمايىل ئىسىملىك بىر كىشى يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن، پىچان ناھىيىلىك سودا مەركىزى بىناسىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى مۇز تېيىلىش مەيدانىغا كىرىپ، بۇ يەردە ئويناۋاتقان ياش- ئۆسمۈرلەردىن تۆتنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرگەن. يەنە نۇرغۇنلىرىنى ئېغىر يارىلاندۇرغان. يارىلانغانلار ئىچىدىكى ئىككىسى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن دىلودا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئالتىگە يەتكەن. ئەمما خەۋەردە يۈسۈپ ئىسمايىلنىڭ بۇ ئۆسمۈرلەرنى قانداق ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە يارىلاندۇرغانلىقى چۈشەندۈرۈلمىگەن.
خەۋەردە "ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى يۈسۈپ ئىسمايىل ئىسىملىك كىشى، پىچان ناھىيىسى پىچان يېزىسى ئىككىنجى كەنتىدىكى بىر دېھقان. ئۇنىڭ 10 يىلدەك زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش تارىخى بار بولۇپ، يېقىندا دائىم ئادەم ئۆلتۈرۈش خائىشى بارلىقىنى سۆزلەپ يۈرگەن" دەپ كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جىنايەت گۇماندارى يۈسۈپ ئىسمايىل ساقچىلار قوغلاپ كەلگەندە، ئۆزىنى ئۈچىنچى قەۋەتتىن ئېتىپ ئۆلتۈرىۋالغان.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى، بۇ دىلونى جىنايەت گۇماندارى جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن ئېلىپ بارغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپ كۆرسەتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇنىڭ ئالدىدا بەرگەن خەۋىرىدە، جىنايەت سادىر قىلغۇچىنىڭ ئىككى بولۇپ، بىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى، يەنە بىرىنىڭ بولسا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلىرىدا قولغا ئېلىنغان يەنە بىر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. (ئارزۇ)