ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر كۈنى تەخمىنەن يەتتە ئادەم قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلمەكتە


2004.10.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا تەخمىنەن ھەر كۈنى يەتتە ئادەم قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەن.

ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، بۇ يىل 9 - ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئى 6000 قېتىمغا يېقىن ئېغىر قاتناش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەلەردە جەمئىي 1983 ئادەم ئۆلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ ئاساسلىقى، شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىلنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن تېز ھەيدىشى، ئۆلچەمدىن ئارتۇق ئادەم ئېلىشى، يۈك ماشىنىلىرىغا ئۆلچەمدىن ئارتۇق مال قاچىلىشى شۇنداقلا شوپۇرلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا، خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا بانكىسى بىرلىشىپ دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى تاشيوللارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك تاشيول ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ھەر يىلى خىتايدا 250 مىڭ ئادەمنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇلار شۇنداقلا خىتاينى قاتناش قائىدىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەرتىپكە سېلىپ، قاتناش ۋەقەلىرىگە تېز ئىنكاس قايتۇرالايدىغان مىخانىزىم قۇرۇشقا چاقىرغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.