باھار بايرىمى ھارپىسىدا ئۇيغۇر رايونىدا ساختا پويىز بېلىتى ياساپ سېتىش ھادىسىلىرى يۈز بەرمەكتە.
شىنخۇا تورىنىڭ 27 - يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى بېلەت تەكشۈرۈش پونكىتى يولۇچىلارنىڭ قولىدىكى ساختا بېلەتنى بايقىغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ساقچى ئىدارىسىغا ئىنكاس قىلغان، نەتىجىدە ساختا پويىز بېلەت ساتقۇچىلىرىدىن 7 سى، بېلەت ياساش ئۇۋىسىدىن ئىككىسى پاش قىلىنغان ۋە 6000 كىشىلىك ساختا بېلەت مۇسادىرە قىلىنغان.
مەزكۇر ساختا بېلەت ياساش گۇرۇھىنىڭ مەركىزى خېنەن ئۆلكىسى تەيكاڭ ناھىيىسىدە بولۇپ، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ساقچى ئىدارىسى مەسئۇلىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن خىتاي مەتبۇئاتلىرى، مەزكۇر دىلونىڭ تېخنىكىسى ئىنتايىن يۇقىرى، دائىرىسى كەڭ ئىكەنلىكىنى، ھەتتا پۈتۈن خىتاي بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
باھار بايرىمى ھارپىسىدا، كىشىلەرنى ئالداپ پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان خېنەنلىكلەر، باھار بايرىمىنى ئۆز يۇرتلىرىغا بېرىپ ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ساختا بېلەت ياساش ئۇگىسىدىن ئىككىنى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان. . (ئەقىدە)