ئۇيغۇر ئېلى بىلەن رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونى ئارىسىدا بىۋاستە قاتناش يولى ئېچىلماقچى
2005.04.07
ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى بىلەن رۇسىيە فېدراتسىيىسىنىڭ سىبىرىيە رايونى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىۋاستە قاتناش يولى ياساشقا كېلىشتى.
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا قويغان پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن چارشەنبە كۈنى كەچتە سىبىرىيىدىن كەلگەن رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغان.
ۋاڭ لېچۈەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىبىرىيىگە تۇتىشىدىغان يولنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى بۆلىكى 260 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇنىڭ 140 كىلومېتىرى ئەسلىدە بار يول بولۇپ، قالغان 120 كىلومېتىر يولنى ياساپ چىقىشقا توغرا كېلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مىليارد يۈئەن پۇل ئاجراتقان.
ئەمما خىتاي دائىرىلىرى خەۋىرىدە، مەزكۇر بىۋاستە قاتناش يولىنىڭ قاچان پۈتىدىغانلىقى ۋە كونكېرت قايسى لىنىيىنى ئاساس قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىدا نېفىت بايلىقى مول بولۇپ، خىتاينىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ بارغانسىرى ئېشىشى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە قىزىقماقتا. (ئارزۇ)