ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قاتناش، چېگرا قۇرۇلۇشلىرى تەرەققى قىلدۇرۇلماقتا


2006.03.02

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيتمەكتە. خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 2 ‏- مارت كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستانلار بىلەن تۇتىشىدىغان قاتناش يولى قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، قىرغىزىستانغا 60 مىليون يۈەن ياردەم قىلغان.

نۆۋەتتە خىتاي بىلەن قازاقىستان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يالغۇز قاتناش يولىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئەمەس بەلكى ئىككى تەرەپنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئالاتوۋ ئېغىزىدىن قازاقىستانغا ئۆتكۈزۈلىدىغان مالنى 15 مىليون توننا يەتكۈزۈش پىلان قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي قازاقىسان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، بۇ دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى پائالىيەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالماسلىق مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇندەيدىكەن.

قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇ بەرگەن ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.