ئۈرۈمچىدىن نەنجىن، چۇڭچىڭ، قەشقەرلەرگە قاتنايدىغان پويىز مارجان بۇلاق ئەتراپىدىكى 'يۈز چاقىرىملىق بوران ئېغىزى' دەپ ئاتىلىدىغان جايدا يەنە قاتتىق بوران چىققانلىقى ئۈچۈن، 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ ۋاقىتىنچە توختاپ قالغان.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر تۆمۈر يول بويىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11 بال بوران چىقىۋاتىدۇ، بۇران كۈچى بەزىدە 15 بالغا يېتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ھازىر ئۈرۈمچىدە 2000 دىن ئارتۇق يولۇچى ھاۋا رايىنىڭ ياخشىلىنىشىنى كۈتۈپ پويىز ئىستانسىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
بۇ يىل 3 - ئايدىمۇ تۆمۈر يول بويىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا قاتتىق بوران چىقىپ يۈز بەرگەن پويىز ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 3 نەپەر يولۇچى ئۆلگەن، بىر قىسىم يولۇچىلار يارىلانغان ۋە 600 دىن ئارتۇق يولۇچى قېيىن ئەھۋالدا قالغان ئىدى.
خىتاي ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئىچكى موڭغۇلىيىنىڭ غەرب تەرىپى، گەنسۇنىڭ شىمال تەرىپى، چىڭخەينىڭ غەربىي شىمال تەرىپى ۋە نىڭشانىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى جايلارنى قۇم بوران قاپلىغان. خوتەن، نىيە، چىرا قاتارلىق جايلاردىمۇ قۇم بوران پەيدا بولغان. (ۋەلى)
