بۇ شەھەرلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقى ۋە شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، تارىم ۋادىسىدىكى شەھەرلەر ئىچىدە قەشقەر بۇ قاتارغا كىرگۈزۈلگەن.قالغانلىرى ئۈرۈمچى، قۇمۇل، كورلا. غۇلجا، كۈيتۈن، شىخەنزە قاتارلىقلاردۇر.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ غەربىدىكى 5600 كىلومېترلىق چېگرا لېنىيىسىگە ئىگە بولۇپ، سەككىز دۆلەت بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ چەت ئەللەرگە قاتنايدىغان قاتناش يوللىرى ئەڭ كۆپ، توشۇش دائىرىسى ئەڭ ئۇزۇن، قاتناشقا قېتىم سانى ئەڭ كۆپ جاي بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۇيغۇر دىيارى خىتاي بويىچە دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەللەرگە ئايروپىلان قاتنايدىغان ئايرودروملار ئەڭ كۆپ جايلاشقان مۇھىم ھاۋا قاتناش تۆگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەنە شۇ بىر قاتار شەھەرلەر خىتاي ئىچى ۋە سىرتىغا قاتنايدىغان ھاۋا، تاش يول، تۆمۈر يول قاتارلىق قاتناش لىنىيىلىرىنىڭ ھەممىسى بىراقلا جايلاشقان شەھەرلەر بولۇپ قالغان.
نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئاساسلىق ئېچىش نىشانى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا قارىتىلغان بولۇپ، قەشقەرنى غەربتىكى شېنجېن قىلىپ، غەربىي ئاسىيانىڭ سودا ۋە ئىقتىساد مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا. شۇڭا ھازىر قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە خىتاي نوپۇسى تېز سۈرەتتە كۆپەيتىلمەكتە ئىكەن.