ئۇيغۇر ئىلىدا 2004 - يىلى ئۈچ مىڭغا يېقىن ئادەم قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلدى


2005.01.07

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2004 -يىلى بىر يىل ئىچىدە ھەر خىل قاتناش ۋەقەلىرىدە ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى ئۈچ مىڭغا يېتىپ قالغان. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2892 نەپەر بولۇپ، يارىلانغانلارنىڭ سانى 8900 دىن ئاشقان.

قاتناش ئىدارىسى، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايون بويىچە 8374 قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قايناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر ئىچىدىكى مىڭغا يېقىن كىشى، ماشىنا سۈرئىتىنىڭ تېزلىكىدىن كېلىپ چىققان ۋەقەلەردە ئۆلگەن.

قاتناش دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بىر يىلى يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ قېتىم سانى، كېلىپ چىققان ئىقتىسادى زىياننىڭ ئومۇمى سوممىسى شۇنداقلا يارىلانغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئازلىغان بولسىمۇ بىراق، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 9.5٪ كۆپەيگەن. "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر خوتەن، قاراماي، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا كۆپەيگەن. ئالتاي، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، تۇرپان، چۆچەك قاتارلىق جايلاردا ئازايغان. جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى، قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ قانچىلىكى خىتاي قانچىلىكىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئاپشكارلىمىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.