ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ساقچى دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يوللاردا ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلغان. ئۇلارنىڭ مەلۇماتىچە، 4-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 18 قېتىم ۋەقە يۈز بېرىپ،21 ئادەم ئۆلگەن. ئىقتىسادىي زىيان 326مىڭ يۈئەندىن ئېشىپ كەتكەن.
قاتناش ساقچى دائىرىلىرى بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئاساسلىقى چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي پايدىنى كۆزلەپ، كېچىدە ھارغىنلىق ھالىتىدە ماشىنا ھەيدىشى شۇنداقلا نورمىدىن ۋە چەكتىن ئاشۇرۇپ ئادەم ھەم يۈك قاچىلاش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قاتناش ساقچى دائىرىلىرى يول ئۈستىدە نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك ۋە ئادەم قاچىلاش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ ئاز ھەم ساقچىلارنىڭ خىزمەت ھوقۇق دائىرىسىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ساقچىلارغا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىش ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەمما، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، قاتناش ۋەقەسىنىڭ كۆپلەپ كېلىپ چىقىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئۇلار شوپۇرلۇق سالاھىيىتىگە توشمىغان كىشىلەرنىڭمۇ ئارقا ئىشىك ئارقىلىق شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ھەل قىلىشى ۋە باشقىلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى كۆپەيتىشنىڭ يەنە بىر مەقسىتى بار بولۇپ ،بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى ئاساسىي مۇددىئا قىلىدىكەن. خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بۇرۇندىنلا يول ئۈستىدە كۆپلىگەن تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە چارلاش ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. (ئۈمىدۋار)