ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى


2006.05.22

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ھازىرغىچە 14 ئادەم ئۆلگەن ۋە 18 ئادەم يارىلانغان.

يەرلىكتىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدىكى بىر كىچىك بالىنىڭ ھازىرغىچە ئىز دېرىكىنى ئالالمىغان. قاتناش ۋەقەسى كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5: 50 لەردە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى 315 - نومۇرلۇق تاشيولدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قەشقەر شەھىرىدىن يېڭىسار ناھىيىسىگە كىتىۋاتاتتى. قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يولۇچىلار ئاپتوبۇسى يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى قۇمباش ئەتراپىدا بىر كۆرۈكتىن ئۆتىۋېتىپ كونترولىنى يوقىتىپ قويغان ۋە ئاپتوبۇس دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇسدىكى يولۇچىلارنىڭ سانىنى 33 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئېلان قىلدى. لېكىن ساقچىلار ئاپتوبۇسدىكى يولۇچىلارنىڭ ئېنىق سانى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس، دەپ تەكىتلىمەكتە. لېكىن بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغىچە 14 يولۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولدى ۋە 18 يولۇچى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان. ئاپتوبۇسنى روزى مەمەت ئىسىملىك 27 ياشتىكى يېڭىسارلىق بىر ئۇيغۇر ياش ھەيدىگەن. ۋەقە تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا كىتىۋاتىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.