ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەگەشمە قاتناش ۋەقەسىنىڭ شوپۇرى گۇاڭدۇڭدا تۇتۇلدى


2006.07.14

بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خېتيەن يولىدا يۈز بەرگەن ۋە 3 ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەگەشمە قاتناش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ قېچىپ كەتكەن ماشىنىنىڭ شوپۇرى گواڭدۇڭدا قولغا ئېلىندى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇتقۇن مۇشۇ يەكشەنبە كۈنى گۇاڭدۇڭدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئېلىپ كېلىنىشى مۇمكىن. جاۋاپكار 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خېتيەن يولىدا ئىككى مىيىپ كىشىنى ئۇرىۋېتىپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، قازادارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ئىككى ساقچى ۋە كۆمۈر كان دوختۇرخانىسىنىڭ 3 نەپەر قۇتقۇزۇش خادىمىنى، ئارقىدىن كەلگەن يەنە بىر ماشىنا سوقىۋېتىپ 5 ئادەم ئۆلگەن.

ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە 1944 - يىلدىن 1949 - يىلغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەرھۇم رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ خانىمى ماھىنۇر قاسىمىنىڭ كۆمۈركان دوختۇرخانىسىدا سېستىرا بولۇپ ئىشلەيدىغان جىيەن قىزى سانىيە ئەختەم بار ئىدى.

ئارقىدىن كېلىپ ئۇرغان ماشىنىنىڭ شوپۇرى نەق مەيداندا قولغا ئېلىنغان ۋە سوراق جەريانىدا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى ئىقرار قىلغان، لېكىن 1 - قېتىم ۋەقە پەيدا قىلغان ماشىنىنىڭ شوپۇرى ساقچىلار كەلگىچە قېچىپ كەتكەن ئىدى. ساقچى تەرەپ قېچىپ كەتكەن شوپۇرنى تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ۋەقە يۈز بېرىپ 20 كۈندىن كېيىن گۇاڭدۇڭدا قولغا ئېلىنغان شوپۇر 30 ياشلاردىكى بىر ئەر كىشى بولۇپ، مەتبۇئاتتا ئۇنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنمىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.