خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان جامائەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان ۋەقەلەرگە قارشى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى 25- يانۋار كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىنىدا، خىتاينىڭ خېلى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىجتىمائىي نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خەتەرلىك بىر دەۋرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە، تېررورچىلىق خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى ھوشيار بولۇشقا چاقىرغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتايدا كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان جەمئىيەت مۇقىمسىزلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئۆتكەن ھەپتە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، 2005 - يىلى بىر يىل ئىچىدە خىتايدا جەمئى 87 مىڭ قېتىم توپىلاڭ، نارازىلىق ۋە نامايىش قاتارلىق جامائەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، خىتايغا قارشى تېررور تەھدىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئەقىدە)