قىرغىزىستاندا بىر ئۇيغۇر مۇساپىرى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە


2006.05.02

قىرغىزىستان ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ يىل 3 - ئايدا تۇتۇپ قېلىنغان ئىسمائىل قارى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر مۇساپىرى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر ئىسمائىل قارى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە تەن جازاسىغا ئۇچراش ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەسلى يۇرتى قەشقەردىن بولغان ئىسمائىل قارى بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ تۈركىيىگە كەتمەكچى بولغاندا قىرغىزىستان ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاموژنىدا تۇتۇپ قېلىنغان. ئىسمائىل قارىنىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قىرغىزىستان دائىرىلىرى ئىسمائىل قارىنى ساختا پاسپورت ئىشلىتىش بىلەن ئەيىپلىگەن بولۇپ، ھەر ۋاقىت خىيالغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش خەۋپى بار، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

ئىسمائىل قارى يېقىنقى ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى دۆلەت ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان 4 -ئۇيغۇر مۇساپىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 3- ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى كانادا تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر ھۈسەنجان جېلىلنى تۇتۇپ قېلىپ ھازىرغىچە قويۇپ بەرمىدى. بۇنىڭ سەل ئالدىدا قازاقىستان دائىرىلىرى يۈسۈپ قادىر توختى ۋە سىدىق ئابدۇقادىر ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرىنى تۇتۇپ قالغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى كىشىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن قازاقىستان دائىرىلىرىغا بېسىم ئىشلەتمەكتە ئىكەن.

ئىسمائىل قارىنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس بولۇپلا قالماي، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۇنى نېمە سەۋەبتىن خىيالغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان. 2003 - يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى ئىسمائىل سەمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇش ۋە ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.