شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 19 - مارتتىكى خەۋرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان قازاقستاننىڭ باش مىنىستىرى كەرىم مەسىمۇف، 17-، 18 - مارت كۈنلىرى قورغاس ۋە ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىلدە، خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئىقتىسادى ۋە سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قازاق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى كېلىشم ھاسىل قىلىشى بىلەن قورغاسقا قۇرۇش پىلانلانغان خىتاي- قازاقىستان قورغاس خەلقئارالىق چېگرا مەركىزىدە، قازاق تەرەپ 2006- يىلى 3 - ئايدا ئىش باشلىغان. كېرەم مەسىمۇف خىتاي-قازاق ئارىسىدىكى سودا ۋە باشقا ئالاقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي- قازاقىستان قورغاس خەلقئارالىق چېگرا مەركىزى، خىتاي-قازاق ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق چېگرا ئارا چوڭ قۇرۇلۇش تۈرى. تۇنجى قېتىملىقى 2005 - يىلى نويابىردا تاماملانغان، 700 مىليون ئامېرىكا دوللار مەبلەغ سېلىنىپ، قازاقىستاننىڭ ئاتاسۇ دىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالاتاۋ ئېغىزىغا تۇتاشتۇرۇلغان 962.2 كىلو مېتىرلىق نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسى ئىدى.
بۇ خەلقئارالىق چېگرا مەركىزىگە 10 مىليارد يۈ|ئەن خىتاي پۇلى مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ ئومۇمى كۆلىمى 9.73 كۋادرات كىلو مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە 1.2 كۋادرات كىلو مېتىرى قازاقىستان چېگرىسى ئىچىگە 3.43 كۋادرات كىلو مېتىرى ئۇيغۇر ئېلى چىگرىسىغا جايلاشقان.
كېرەم مەسىمۇفنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىگە قازاقىستان مالىيە مىنىستىرى، سودا-سانائەت مىنىستىرى، قاتناش مىنىستىرى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىي بايلىقلار مىنىستىرى قاتارلىقلار ھەمرا بولۇپ كەلگەن. بۇ 2007 -يىلى ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن كېرەم مەسىمۇفنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى ئىكەن. (جۈمە)