قازاقىستان پرىزىدېنتى نازاربايېف ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلدى
2004.09.26
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلغان قازاقىستان پرىزدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ، 24 - سېنتەبىر كۈنى غۇلجىدا ئاپتونوم رايۇن پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن بىلەن " قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى " قۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.
قازاقىستان پرىزىدېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى قورغاس ئېغىزىدىن باشلانغان. ۋاڭ لېچۈئەن قازاقىستان پرىزىدېنتىنى قورغاس ئېغىزىدا كۈتىۋالدى. ۋاڭ لېچۈئەن بىلەن قازاقىستان - ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارغان قازاقىستان پرىزدېنتى، چېگرا رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر ئىككى تەرەپكە ئەمەلىي مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ دەپ تەكىتلىگەن.
ۋاڭ لېچۈئەن بولسا ئىش باشلاش ئالدىدىكى ئاتىسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ ستراتىگىيەلىك ئەھمىيىتى زورلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىز قازاقىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىق ساھەسىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى خالايمىز دەپ كۆرسەتكەن . نازاربايېۋنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زىيارىتى 24 ۋە 25 - سېنتەبىر كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلدى.كۈزەتكۈچىلەر، قازاقىستان - ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدىكى "قورغاس چېگرا ھەمكارلىق كېلىشىمى" گە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالى مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان ئىسمايىل تىلىۋالدى ئەمەس، بەلكى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ قول قويغانلىقى خەلقئارا ھوقۇق ئۆلچەملەردىكى دىپلوماتىك تەرتىپكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قارىغان . يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، قازاقىستان پرىزدېنتىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مەركىزى غۇلجىنى زىيارەت قىلغانلىقى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يېڭىلىق دەپ باھالاشماقتا. (ئەركىن)
- قازاقىستان پرىزىدېنتى نازاربايېف ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلدى
- نازاربايېف ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىدۇ
- خىتاي - قازاق نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى پات ئارىدا ئىش باشلايدۇ
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە بارىدىغان نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى باشلىدى
- ئىلى قازاق ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى تەبرىكلەندى
- غەربتىكى گازنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبىسىىدىن رەسمىي گاز ماڭغۇزۇلدى
- ئۇيغۇر رايونىدىكى نېفىت زاپىسى 20 مىلياد 900 مىليون توننىغا يەتتى
- ئۈرۈمچى بىلەن لەنجۇۋ ئارىسىدىكى خام نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسىنى ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى باشلاندى
- خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتى ( sinopic) تارىم- شاڭخەي تەبىئى گاز قۇرۇلۇشىدىن چېكىنىپ چىقتى
- خىتاينىڭ غەرىپتىكى گازنى شەرىققە يۆتكەش قۇرۇلىشى پۇتۇنلەي تاماملاندى