مەركىزى قازاقىستاندىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ، قازاقىستانغا كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى، خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىش ئەندىشىسى ئىچىدە ياشىماقتا ئىكەن.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولغان بىر ئۇيغۇر مۇساپىر، داۋاملىق قازاق ساقچىسىغا پارا بېرىپ يوشۇرۇنۇپ ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۆلۈمگە دۇچ كېلىش مۇقەررەرلىكىنى بىلدۈرگەن.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلمىغاندىن سىرت ھەتتا خىتايدىن قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
ب ب س نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستاندىكى ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قانۇنىي جەھەتتە قوللاش مەركىزى 700 نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ تاغلاردىن ئېشىپ بۇ يەرگە قېچىپ چىققانلىقىنى، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ غېرىب ئەللىرىدە پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى، ئامما بۇ يەردە قېلىپ قالغان 50 كە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ يەنىلا ئەندىشە ئىچىدە ياشۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)
