قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىدۇ


2006.02.20

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يېرجان ئاشىقبايېۋنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاسىم جۈمەرت توقايېۋ 2- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىىنى زىيارەت قىلىدىكەن.

ئەمما توقايېۋنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى قانداق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە كىملەر بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنمىدى. قازاقىستان خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى مۇھىم شېرىكى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا - ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى مۇھىم ئۆتكىلى.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ قازاقىستان زېمىنىدا خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىغانلىقى ۋە قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا خەلقئارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى بويىچە مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قاسىم جۈمەرت توقايېۋنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى ئۇنىڭ 26 - فېۋرالدىن 1 - مارتقىچە بېيجىڭدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن.

يېرجان ئاشىكبايېۋ دۈشەنبە كۈنى ئاستانىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، " بۇ زىيارەت خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، دۆلەت كومىسارى تاڭ جياشۈەن ۋە خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرى لى جاۋشىڭلار بىلەن بولۇدىغان ئۇچرىشىشلارنى ئۆز ئىىچىگە ئالىدۇ " دېدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تەرەپلەر خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۈز‏ - ئارا مۇناسىۋەتلىرى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. ئەمما ئۇ، مۇزاكىرىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.