نازاربايېف ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىدۇ


2004.09.23

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نازاربايېف بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبەرلىرى بىلەن ئاساسەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن .

قازاقستان پرىزدېنتلىق مىللىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى خىتايشۇناس دۈكەن ماسىمخانئولىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مەبلەغ سېلىش ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى قاتناش سىېستىمىسنى كۈچەيتىش نازاربايېفنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ يەنە بىرى ئىكەن .

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر تىز تەرەققى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېخى سۇ مەسىلىسى قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن . (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.