قازاقىستان پرىزىدېنتى نازاربايېف ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلدى
2004.09.24
قازاقىستان پرىزدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىزمەت زىيارىتى جۈمە كۈنى باشلاندى. قازاقىستان پرىزدېنتى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقى ئاساسىدىكى ئىككى تەرەپ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.
سۆھبەت تېمىسىنىڭ يەنە قاتناش - ترانسپورت ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك مەبلەغ سېلىش مەسىلىلىرىگە چېتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.خىتاي مەتبۇئاتلىرى، قازاقىستان پرىزىدېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي - قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە، تەبىئىي گاز ۋە ئېلېكتىر كۈچى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ئىستىقبالى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى 28 - سېنتەبىردىن ئىش باشلايدۇ. غۇلجا، قازاقىستان پرىزىدېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زىيارەت سەپىرىنىڭ يەنە بىر بېكىتى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، نازاربايېف غۇلجىدا قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قورغاس چىگرا سودا ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى ئىختىلاپلار يەنىلا ساقلانماقتا. بۇ ئىختىلاپلار، ئىلى - ئېرتىش دەريالىرىنىڭ سۇ تەقسىماتى، ئىلىدىكى قازاقلارنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈش مەسىلىسى، نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش، يەر ئىجارىگە ئېلىش، شۇنداقلا چېگرا مەسىلىسىدىن قېپقالغان ئىختىلاپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.(ئەركىن)