تۇرپان ئويمانلىقىدىكى بىر قەدىمقى قەبرىدىن بۇغداي قېزىۋېلىنغان


2007.12.12

يېقىندا تۇرپان ئويمانلىقىدىكى بىر قەدىمقى قەبرىدىن كۆپ مىقداردا بۇغداي قېزىۋېلىنغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا تۇرپاندىكى بىر قەدىمقى قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان بۇغداي جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن 2400 يىل بۇرۇنقى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىن - چىن سۇلالىسىغىچە بولغان دەۋىرگە مەنسۇپ.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇرپاندىكى قەدىمقى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان بۇغداينىڭ سورتى ئېسىل، ئۇنىڭ رەڭگى ئۇزۇن يىللارغىچە ئۆزگەرمىگەن، شەكلىمۇ بۇزۇلمىغان. بۇ ئاسارە‏ - ئەتىقىلەر تۇرپاندا قەدىمقى زاماندا بۇغداي تېرىقچىلىقى ئەۋج ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى قەدىمقى قەبرىستانلىقلاردىنمۇ 4000 يىل بۇرۇنقى بۇغداي دانلىرى تېپىلغان ئىدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.