يېقىندا تۇرپان ئويمانلىقىدىكى بىر قەدىمقى قەبرىدىن كۆپ مىقداردا بۇغداي قېزىۋېلىنغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا تۇرپاندىكى بىر قەدىمقى قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان بۇغداي جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن 2400 يىل بۇرۇنقى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىن - چىن سۇلالىسىغىچە بولغان دەۋىرگە مەنسۇپ.
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇرپاندىكى قەدىمقى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان بۇغداينىڭ سورتى ئېسىل، ئۇنىڭ رەڭگى ئۇزۇن يىللارغىچە ئۆزگەرمىگەن، شەكلىمۇ بۇزۇلمىغان. بۇ ئاسارە - ئەتىقىلەر تۇرپاندا قەدىمقى زاماندا بۇغداي تېرىقچىلىقى ئەۋج ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى قەدىمقى قەبرىستانلىقلاردىنمۇ 4000 يىل بۇرۇنقى بۇغداي دانلىرى تېپىلغان ئىدى. (ۋەلى)