ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئامانەت قەرز ئېلىشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ئاسانلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى


2005.03.15

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پۇل - مۇئامىلە نازارەت قىلىش ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپىنىڭ بۇ يىلقى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئۈچۈن، 6 مىليارد 100 مىليون يۈەن ئامانەت قەرز سوممىسى ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامما بېيجىڭدا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر، رايوندىكى دېھقانلارنىڭ ئامانەت قەرز ئېلىشى قىيىنلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پۇل - مۇئامىلە نازارەت قىلىش ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر، يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپىنىڭ سىرتىدا ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئامانەت قەرز سوممىسى ئۈچۈن 150 مىليون يۈەن ئاجراتقانلىقىنى شۇنداقلا يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ 250 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىقى پۇللار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى 6 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستىدىكى 520 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ دېھقانچىلىق ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن قەرز بېرىلىدىكەن. بىراق خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىغا قاتناشقان تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى ئابدۇللا قاسىم، قۇرۇلتاينىڭ 8 - مارتتىكى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى "يېزا - كەنتلەر ۋە ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئامانەت قەرز ئېلىش قىيىنلىقىنى ھەل قىلىش" نى تەلەپ قىلغان.

يىغىندا خىتاي دۆلەت كابىنتى غەربىي رايوننى ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جىنشياڭ، ئامانەت قەرز ئېلىشنىڭ قىيىنلىقى " خوتەن رايونىدا ئەڭ ئېغىر"، دەپ تەكىتلىگەن.

رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلار، رايوندىكى خىتاي دېھقانلارنىڭ ئامانەت قەرز ئېلىش مەسىلىسىدە ھېچقانداق توسالغۇ يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.