خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تۈگۈنگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى "غەربتىكى شېنجېن" قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى بولغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايەتلىك يەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى زوڭ جيەن 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۈرۈمچىدە بۇ پىلاننى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار يەنە، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە قەشقەر شەھىرىدە "قەشقەر، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى" ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلان قىلغان.
قەشقەر شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋاڭ جيەنخۇانىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە قەشقەر شەھىرى ئۆزى بىلەن چېگرالىشىدىغان ھىندىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق 7 دۆلەتكە ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە 1100 پارچە تەكلىپ خېتى يوللىغان.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان قەشقەر شەھىرى، قەدىمىي "يىپەك يولى" دىكى مۇھىم بىر تۈگۈن بولۇپ، كۈزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان قەشقەرنى ئېچىش پىلانىنىڭ خىتاي ئاققۇنلىرىنى بۇ يەرگە تېخىمۇ جەلپ قىلىپ، يەرلىك مەدەنىيەتكە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (پەرىدە)