قەشقەر - خوتەن تۆمۈر يولىنى ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشىنىڭ سەپەرۋەرلىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.07.03
2008.07.03
خوتەن يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە 4 مىليارد 640 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 2008 - يىلى 9 - ئايدا رەسمىي ئىش باشلايدىغانلىقى، 2011 - يىلى فېۋرالدا پۈتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
تاق لىنىيىلىك مەزكۇر تۆمۈر يولنىڭ خوتەنگە قەدەر بولغان ئومۇمى مۇساپىسىدە قەشقەر شەھىرى، يېڭى شەھەر، ئاقتۇ، يېڭىسار، يەكەن، پوسكام، قاغىلىق، گۇما، قاراقاش، خوتەن قاتارلىق ئون يولۇچىلار ۋوگزالى تەسىس قىلىنىدىكەن. يەرلىك دائىرىلەر قەشقەر - خوتەن تۆمۈر يولى خوتەننىڭ چوڭ شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپلا قالماي، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ، دەپ قارىماقتا. لېكىن تۆمۈر يولنىڭ خوتەنگە قەدەر يېتىپ بارىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلغۇچىلار جۈملىدىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋە بىر قىسىم يەرلىك پۇقرالار ، مەزكۇر تۆمۈر يولنىڭ قارا قۇرۇم ئېتىكىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيدىغان بۇ رايونغا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېقىپ كىرىشىنى ئاسانلاشتۇرۇۋېتىشىدىن قايغۇرماقتا.
پەيشەنبە كۈنكى سەپەرۋەرلىك مۇراسىمىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، خىتاي تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ليۇ جىجۈنلەر قاتناشقان.









