خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر 4 - ئاۋغۇست ۋەقەسىدىن كېيىن بىخەتەرلىكنى قايتا تەكىتلىمەكتە

بىرلەشمە ئاخباراتىنىڭ 5 - ئاۋغۇست خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىكىغا تۆت كۈن قالغاندا يۈز بەرگەن قەشقەردىكى خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا شەھەرلىرى شۇنداقلا پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن، گەرچە بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن قەشقەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە 4000 كىلومېتىر يىراقتا بولسىمۇ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.05

 خەۋەردە ئولىمپىك كومىتېتى باياناتچىسى سۈن ۋېيدېنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، دائىرىلەر بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بىخەتەر ئېلىپ بېرىلىش تەييارلىقىنى پۇختا ئېلىپ بارغان بولۇپ، مۇسابىقە جەريانىدا ھەر قانداق يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۈرۈمچىدىكى مەمۇرىي ئىدارە ‏ - ئورگان ھەمدە ئاساسلىق كوچىلاردا ھەر يۈز مېتىردا بىردىن پوس تۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، پەقەت ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونى تەۋەسىدىلا 1155 خادىم كوچىلارنى چارلىماقتا ئىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە كوچا ئاپتوبۇسىدا ھەمدە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاممىنىڭ سومكىسىنى ئېچىپ تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان ئىدى.

ئۈرۈمچى دائىرىلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن ئاشكارلىنىشىچە، كوچا ھەمدە ئاممىۋى سورۇنلارغا قويۇلغان چارلاش خادىملىرى ئاساسەن مەھەللە كومىتېتىنىڭ مەمۇرىي خادىملىرى شۇنداقلا تەشكىللەنگەن ئادەتتىكى خىزمەتتىكى پۇقرالار بولۇپ، ئۇلارغا بىخەتەرلىك قوغداش خادىمى نامىدا كىشىلەرنى ئاختۇرۇش، تەكشۈرۈش، قولغا ئېلىش ھوقۇقلىرى بېرىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئولىمپىك ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان بىھۇدە سەزگۈر ئىپادىسى ھەمدە بۇ خىل ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىر مىليوندىن كۆپرەك خادىمنى ئىشقا سېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ھەربىي ھەم ساقچى كۈچى 100مىڭدىن ئاشىدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.