قەشقەر - خوتەن تۆمۈر يول لىنىيىسى قۇرۇلۇشى ئەسلى پىلاندىكىدىن بەش يىل بۇرۇن باشلانغان

قەشقەر - خوتەن تۆمۈر يول لىنىيىسى قۇرۇلۇشى ئەسلى پىلاندىكىدىن بەش يىل بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، خوڭكوڭدىن چىقىدىغان مىڭپاۋ گېزىتىدە خىتاي ئاخباراتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى چېن جېنشەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان ۋە قەشقەر - خوتەن لىنىيىسىدە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىغا "ئىناقلىق" دەپ نام بېرىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.08

 چېن جېنشەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ تۆمۈر يول لىنىيىسى ئەسلىدە بەلگىلىگەن مۇددەتتىن 5 يىل بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، ئەسلى خىتاي مەركىزىي كومىتېتى قەشقەر - خوتەن تۆمۈر يول لىنىيىسى ھەققىدە چۈشۈرگەن 32 - نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا مەزكۇر لىنىيە خىتاينىڭ 12 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلماقچى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 487 كىلومېتىر ۋە 460 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان قەشقەر - خوتەن تۆمۈر يول لىنىيىسى قۇرۇلۇشى، بۇ يىل 3 - ئىيۇل رەسمىي باشلانغان بولۇپ، 2010 - يىلى قاتناش باشلىنىدىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىنى تۇيۇقسىز تىزلىتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى بىر قەدەر شالاڭ بولغان خوتەن دىيارىغا كۆچمەن كۆچۈرۈش ئىشلىرىنى تىزلىتىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە خوتەننىڭ ناتۇرال ئىگىلىكى ۋە سودا ساھەسىنى پۈتۈنلەي خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېقىندى قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال قەشقەردىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ئەتراپىدىكى بازارنىڭ خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى، قەشقەردىكى قەدىمى ئەنجان رەستىسىنىڭ ئورنىغا خىتايلار ئىگىدارچىلىقىدىكى دۇكان - سارايلارنىڭ ئورۇن ئېلىشى بۇلارنىڭ تىپىك مىسال ئىكەن.

تۆمۈر يول 1999 ‏ - يىلى دېكابىردا قەشقەرگە تۇتاشتۇرۇلغان ئىدى.
 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.