بۇ ئۇچۇرنى مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ قولغا ئېلىنغانلار قەشقەر ئەتراپىدىكى ناھىيە ۋە يېزىلاردىن كەلگەن كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دىلشات رىشىت يەنە، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تاياق يىگەنلىكىنى، پۇت ۋە باش قىسمىدىن يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن قەشقەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بايانلىرىنى رەت قىلماقتا. گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرى قەشقەردىكى يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ئالاقە قىلغان بولۇپ، بىر يەرلىك ئەمەلدار " قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بۇنچىلىك كۆپ ئەمەسلىكى"نى تەكىتلىگەن، لېكىن زادى قانچىلىك كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.
يېقىندا قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتى خاكلانغان بولۇپ، خاكىرلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىگە چاپلاپ قويغان ئىدى. دائىرىلەر بىر قانچە سائەتتىن كېيىن مەزكۇر تور بەتنى تاقىغان.
دىلشات رىشىت يەنە، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە كونكرېت ۋە تەسىر قىلىدىغان يوللار بىلەن بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىلگىرى كۇچادا يۈز بەرگەن 10 - ئاۋغۇست ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ناھىيىدە 90 دەك كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
