قەشقەردە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.08.04
2008.08.04
ۋەقە قەشقەر شەھىرىدىكى مىللىي شىپاخانىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا، خىتاينىڭ ھەربىي گازارمىسى بولۇپ، ئەسكەرلەر يول ئۈستىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا يولۇققان.
خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ھۇجۇمچى ياشلار ئالدى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلىنى پارتلاتقان، ئاندىن ھەربىي مەشىق قىلىۋاتقان ئەسكەرلەرگە قارىتا بومبا ئاتقان، ئۇنىڭ ئارقىدىن پىچاق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەن. ۋەقەدە ئۆلگەن 16 ئەسكەرنىڭ 14 نەپىرى نەق مەيداندا، 2 نەپىرى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندا يول ئۈستىدە ئۆلگەن.
ئولىمپىككە 4 كۈن قالغاندا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىن ئورۇن ئالدى. نيۇيوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتى بۈگۈن بۇ ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىگە ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.









