قەشقەردە ھۇجۇمدا ئۆلگەن 16 ئەسكەر ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ قەشقەردىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن قەشقەر شەھەرلىك پارتكومدا، 4‏ - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسىدە ئۆلگەن خىتاي 16 ئەسكىرى ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمغا 2000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. مۇراسىمغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتۇرۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.07

 ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئابدۇراخمان ئازات ۋە قۇربانجان ھېمىتنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن بۇ 16 نەپەر ئەسكەرگە، ئىنقىلابىي قۇربان دەپ بېرىلگەن. مۇراسىمغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قوللىرىدىكى پىلاكاتتا، قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقى سىلەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ دەپ يېزىلغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى مۇراسىمدىكى بىر ئۇيغۇر ئايالدىن سوئال سورىغاندا، ئۇ بۇ مۇراسىمنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 18 ياشلىق يەنە بىر ئۇيغۇر ياش ئۆزلىرىنىڭ مۇراسىمغا مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

نۆۋەتتە خىتاي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھاۋاسىنى داۋاملىق تۈردە تەشۋىق قىلماقتا. ئەمما خەلقئارا جامائەت، بۇ خىل تەشۋىقاتنىڭ ئەمدى بازار تاپالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

تۈنۈگۈن ئەنگلىيىدە چىقىدىغان ئىقتىسادىي ۋاقىت گېزىتى، 4 ‏ - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسى، ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى كۆرسەتتى دەپ يازدى. ياپونىيىدە چىقىدىغان بىر گېزىتتە، مەزكۇر ۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىك سوۋغىسى دەپ تونۇشتۇرۇلدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.